چۈشەندۈر» دەپ تۇرۇۋالدىڭ ھاياتنى»
نېمە دەيمەن؟ يەنە دېسەم يەنە شۇ.
كەلمىدۇقمۇ ئەتە ئۈچۈن ئات چېپىپ،
مەنچە بولسا ھايات دېگەن ئەنە شۇ.
بېسىلمايدۇ ھاياتلىقنىڭ ۋاڭ–چۇڭى،
تاپالمايسەن نەدە ئۇنىڭ ئەڭ چوڭى،
بىرى خۇشال، بىرىنىڭ بار ھال–مۇڭى،
مەنچە بولسا ھايات دېگەن ئەنە شۇ.
ئاھ ئۇرارسەن ئارزۇيۇڭغا يېتەلمەي،
يا ئارزۇنىڭ ئىشىكىدىن كېتەلمەي،
گاڭگىرايسەن بىرنى ئىككى ئېتەلمەي،
مەنچە بولسا ھايات دېگەن ئەنە شۇ.
گاھ ئېتىزغا ئارپا، بۇغداي تېرىيسەن
گاھ خاماندا غۇلىچىڭنى كېرىيسەن،
تىرىكچىلىك ھارۋىسىدا قېرىيسەن،
مەنچە بولسا ھايات دېگەن ئەنە شۇ.
大意:也许,这就是生活,白天黑夜交替,就是一天;春夏秋冬轮回,就是一年。年复一年,工作没少忙,事情没少干,就这样,苍老了容颜!
也许,这就是生活,工作的时候,总有问题产生;在家庭之中,总是矛盾频发。
Copyright © 2024 妖气游戏网 www.17u1u.com All Rights Reserved